كىشىلەر خىتاي يېڭى بېكىتكەن يېمەك - ئىچمەك قانۇنىنىڭ ئۈنۈمدارلىقىدىن شۈبھىلەنمەكتە

خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا بازاردا بارغانچە چوڭقۇرلىشىۋاتقان خىتاي ماللىرىنىڭ ئىناۋىتى تۆۋەنلەش ھادىسىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ئۈچۈن بىر قاتار يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇن - تۈزۈملىرىنى بېكىتىپ چىققان بولسىمۇ، ئەمما نۇرغۇن كىشىلەر يەنىلا بۇ خىل بەلگىلىمىلەرنىڭ ئۈنۈمدارلىقىدىن شۈبھىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

مەلۇم بولۇشىچە، 1 - مارت يەكشەنبە كۈنى خىتاي قانۇن بەلگىلەش ئورگانلىرى خىتاي يېمەك - ئىچمەك مەھسۇلاتلىرىنى بىخەتەرلىكىگە ئالاقىدار يېڭى قانۇن - نىزاملارنى بەلگىلەپ چىققان ھەمدە مەزكۇر قانۇن روھىغا ئاساسەن دۆلەت كابىنېتىدا مەخسۇس نازارەت قىلىش ئىشخانىسى تەسىس قىلىنغان.

"ئامېرىكىدا بۈگۈن" گېزىتىدە نەقىل قىلىنىشىچە، خىتاي دۆلەتلىك يېمەك - ئىچمەك ۋە ئوزۇقلۇق تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى ۋۇ يوڭنىڭ، گەرچە مەزكۇر قانۇن يېمەك - ئىچمەك بىخەتەرلىكىگە ئالاقىدار ئەسلىدە بار بولغان 13 ئورگان ئارىسىدا ھەمكارلىشىشنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ سەنلۇ زەھەرلىك سۈت پاراشوكىغا ئوخشاش ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئالالمايدىكەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: " بۇنىڭدا سانائەت سىستېمىسى جەھەتتە نۇرغۇن كىشىلەر كۈتكەن نېگىزلىك ئۆزگىرىش ئەكس ئەتمىگەن."

ئۇنىڭدىن باشقا بەزى ئىستېمالچىلارمۇ مەزكۇر قانۇن ئاڭلىماققا كىشىنى خۇشال قىلسىمۇ، ئەمما خىتايدا يەنە نۇرغۇن يەرلىك زاۋۇتلارنىڭ بۇنداق تۈزۈملەرگە بويسۇنمايدىغانلىقى، شۇڭا بۇنداق قانۇننىڭ ھېچقانداق ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

يېقىندا خىتايدا يۈز بەرگەن زەھەرلىك سۈت پاراشوكى سەتچىلىكى خىتايدا 300 مىڭ ئادەمنىڭ ھاياتىغا تەھدىت ئېلىپ كەلگەندىن كىيىن، خىتاي مەھسۇلاتلىرىنىڭ خەلقئارادىكى ئىناۋىتى بارغىچە تۆۋەنلەشكە باشلىغان ئىدى.