خىتاي دائىرىلىرى 'بۆلگۈنچىلىك'كە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان مىللىي كادىرلارنى جازالاش بەلگىلىمىسى ئېلان قىلدى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى يېقىندا مەخسۇس ھۆججەت چۈشۈرۈپ، "بۆلگۈنچىلىك"كە قارشى كۈرەشتە مەيدانى قەتئىي بولمىغان مىللىي كادىرلارنىڭ پارتىيىدىن قوغلاپ چىقىرىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010-09-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ ئەسكەرتىشىچە، "بۆلگۈنچىلىك"كە قارشى كۈرەشتە سىياسىي ئىنتىزام خاتالىقى سادىر قىلغان پارتىيە ئەزالىرى ۋە يەرلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى جازالاش توغرىسىدىكى31 ماددىلىق مەزكۇر بەلگىلىمە ئاساسلىقى يەرلىك مىللىي كادىرلارغا قارىتىلغان.

بەلگىلىمىدە، ماقالە يېزىپ، نۇتۇق سۆزلىگەن، ئاخبارات ۋە خىتابنامە ئېلان قىلىپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي رادىكالىزمنى ئاشكارا تەرغىب قىلغان پارتىيە ئەزالىرىغا دەرھال پارتىيىدىن قوغلاپ چىقىرىش جازاسى بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. مىللىي بۆلگۈنچىلىك ئىدىيىسى تەرغىب قىلىنغان، دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا زىيان سېلىشقا چېتىلىدىغان رادىئو، تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنى ئاڭلاش ۋە كۆرۈشى چەكلىنىپ، خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش، ئېغىرلىرىنىڭ پارتىيىدىن قوغلاپ چىقىرىلىدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر ھۆججەتنى 2010 - يىلى 7 - ئاينىڭ 1 ‏- كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي ئىجرا قىلىشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. لېكىن خىتاي دائىرىلىرى بۇنىڭدىن بۇرۇن 2000‏ - يىلى 12 ‏- ئايدا بۇنىڭغا ئوخشاش بىر ھۆججەت چۈشۈرۈپ، مىللىي پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ھەرىكىتىنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتكەن ئىدى. بۇ يىل 7 - ئايدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان يېڭى ھۆججەتنىڭ مەزمۇنى بۇرۇنقى ھۆججەتتىن قايسى جەھەتلەردە پەرقلىنىدىغانلىقى ئايدىڭ ئەمەس.

قۇرۇلتاي باياناتچىسى دىلشات رىشىت، يېڭىدىن يولغا قويۇلغان يۇقىرىقى ھۆججەت ئارقىلىق ئۇيغۇر پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىش ھەرىكىتى، سۆز ۋە ئىپادە ئەركىنلىكى ئىلگىرىلەپ كونترول ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت