مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئىقتىسادى تەرەققىياتقا يۈزلەنگەن 30 يىلدىن بۇيان خىتايدا دېھقانلارنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنىڭ ئىگىلىۋېلىنىش ئەھۋالى بارغانچە ئېغىرلاشقان بولۇپ، يېرىدىن ئايرىلغان دېھقانلارنىڭ نارازىلىقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان ئىجتىمائىي مەسىلىگە ئايلانغان.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەر ئىگىلەش ئەھۋالى تېخىمۇ ئېغىر بولۇپ، 50-يىللاردا خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيىسى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇنبەت زېمىنلارنى بوز يەر ئېچىش نامىدا ئىگىلىگەن بولسا، 2010-يىلدىن كېيىن ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ يەرلىرىنىڭ «ھالقىما تەرەققىيات رايونى قۇرۇش» نامىدا خىتاي شىركەتلىرى تەرىپىدىن مەجبۇرىي ئىگىلىۋېلىنىشى رايوندىكى خەلقنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىگە سەۋەب بولماقتا.