خىتاي يېزا كۆچمەنلىرىگە ئېتىبار بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەردى

خىتاي دۆلەت كابىنېتى تۈنۈگۈن يېزا كۆچمەنلىرىنىڭ شەھەرلەردىكى ئولتۇراق ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرىغا ئېتىبار بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. كۆچمەنلەر مەسىلىسى خىتاي جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق مەسىلىلەرنىڭ بىرى دەپ قارىلىۋاتقان ۋە يېزا كۆچمەنلىرى بۇنىڭدىن كېيىن خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى ۋەقە تۇغدۇرۇش ئېھتىماللىقى بولغان قاتلام دەپ قارىلىۋاتقان ئىدى.

خىتاي دۆلەت كابىنېتىغا باغلىق بولغان تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى تۈنۈگۈن ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئاھالىلەر تىزىملىكى ئىسلاھاتى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە بۇ ئىسلاھات ئارقىلىق، يېزىلاردىن شەھەرلەرگە ئېقىپ كىرگەن كۆچمەنلەرنىڭ، ئولتۇراقلىشىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە بالىلىرىنى مەكتەپكە ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشىغا ئوڭۇشلۇق يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۆتكەن ئايدا ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتاي دائىرىلىرى بۇ ھەقتە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئۈرۈمچىدىكى يەرلىك كۆچمە نوپۇسنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە ئۇنىڭ ئالدىدا ئات بەيگە مەيدانى قاتارلىق يەرلىك ئۇيغۇر كۆچمەنلىرى نۇقتىلىق مەركەزلەشكەن مەھەللىلەردىكى بىر قىسىم ئۆيلەرنى چېقىپ تاشلىغان ۋە ئۇلارنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى پائالىيەتلىرىنى چەكلەيدىغان بىر قاتار يېڭى بەلگىلىمىلەرنى ئېلان قىلغان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى يەرلىك كۆچمە نوپۇسنى چەكلەۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي كۆچمەنلىرىگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى ئېلان قىلىشى، رايوننىڭ مىللىي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.