ئانتروپولوگ پېتىر سىكالنىك ئۈرۈمچى ۋەقەسى سەۋەبلىك كۈنمىڭدا ئېچىلىدىغان خەلقئارا ئانتروپولوگىيە يىغىنىنى بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

خەلقئارا ئانتروپولوگىيە ۋە ئېتنولوگىيە تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پېتىر سىكالنىك نەچچە يۈز ئۇيغۇرنىڭ ئۆلۈمى بىلەن ئاياغلاشقان ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن ئۆزىنىڭ كېلەر ھەپتە كۈنمىڭدا ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغاندا، جەمئىيەتنىڭ 16 - يىغىنىنى بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئۇ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئىشلار كومىتېتىغا خەت يېزىپ: " مەن ھەرگىزمۇ بۇ تراگېدىيىگە سەۋەبچى بولغان كىشىلەر بىلەن تونۇشمايمەن ۋە ئۇلار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەيمەن،" دېگەن ۋە خەتنى يەنە نۇرغۇنلىغان ئانتروپولوگلارغىمۇ يوللىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، پېتىر سىكالنىك خەلقئارالىق ئانتروپولوگىيە ۋە ئېتنولوگىيە تەتقىقاتى جەمئىيىتىنىڭ 16 - قېتىملىق يىغىنىنىڭ چاقىرىقىنى بۇندىن ئىككى ھەپتە بۇرۇن تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، ئۇ خىتاي دۆلەتلىك مىللىي ئىشلار كومىتېتى تەرىپىدىن يىغىنغا تەكلىپ قىلىنغان.

پېتىر سىكالنىك چېخ جۇمھۇرىيىتى پاردۇبىس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، خەلقئارالىق ئانتروپولوگىيە ۋە ئېتنولوگىيە تەتقىقاتى جەمئىيىتى چېخ جۇمھۇرىيىتى مىللىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋە خەلقئارالىق ئانتروپولوگىيە ۋە ئېتنولوگىيە تەتقىقاتى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسىدۇر.