خىتاي «يىلپىز» ئالاھىدە ئەترىتىنى جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىگە ئەۋەتتى

خىتاي ئاخباراتلىرىنىڭ شەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىگە ئەۋەتىلمەكچى بولغان «تۇيۇقسىز زەربە بېرىدىغان ئالاھىدە ھەرىكەت ئەترىتى»، جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىگە رەسمىي ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

قەشقەر ۋە خوتەنلەردە ۋەقە كېلىپ چىققاندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى مەزكۇر رايونلارغا «يىلپىز» ئالاھىدە ئەترىتىنى «تېررورلۇق» قا زەربە بېرىشكە ئەۋەتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ قېتىم جەنۇبقا ئەۋەتىلگەن ئالاھىدە قىسىم خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولۇپ، ساقچى قىسىملىرىغا تەۋە ئەمەس ئىكەن.

بۇ قىسىملارنىڭ يۇقىرىقى ۋىلايەتلەرنىڭ قايسى رايونلىرىغا ئورۇنلاشقانلىقى ۋە كونكرېتنى قايسى ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدىغانلىقى تەپسىلىي كۆرسىتىلمىگەن.

18-ئىيۇلدىكى خوتەن «ناۋاغ ۋەقەسى» ۋە 30، 31-ئىيۇلدىكى قەشقەر «يېڭى بازار ۋەقەسى» خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ئىستراتېگىيىسىنى بىر قەدەر جىددىيلەشتۈرۈپ قويغان ئىدى.