خوڭكوڭ، تەيۋەن، سىنگاپورلاردىكى مەبلەغ سالغۇچىلارمۇ قولىدىكى ئامېرىكا زايومىنى ئازلىتىشقا باشلىغان ئىدى. بۇ، پۇل -مۇئامىلە تەشكىلاتلىرى ئامېرىكىنىڭ قەرز تۆلەش ئىناۋىتى بىر دەرىجە تۆۋەنلەتكەندىن كېيىن، خىتاينىڭ ئامېرىكىغا قوللانغان بىر تەدبىرى ئىدى.
ئەمما بۇ ۋاقىتتا ياپونىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ۋە نېفىت ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەتلەر تېخىمۇ كۆپ ئامېرىكا زايومى سېتىۋالدى. ياپونىيە يەنە 21 مىليارد 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق ئامېرىكا زايومى سېتىۋالدى.
ئەنگلىيە يەنە 44 مىليارد 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق ئامېرىكا زايومى سېتىۋالدى. ياۋرو قوللىنىلىدىغان رايونلاردىمۇ، ئۆز مەبلىغىنىڭ قىممىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئامېرىكا زايومى سېتىۋېلىش يولىنى تاللىغان دۆلەتلەر كۆپەيدى.