بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسى ياڭچۇەن شەھىرىدىكى "جىڭ فۇلەي" سۈت پاراشوكى زاۋۇتىنىڭ سۈت مەھسۇلاتلىرىدا يۇقىرى مىقداردا زەھەرلىك مېلامىن ماددىسى بايقالغان.
زاۋۇت بۇ خىل زەھەرلىك سۈت پاراشوكىدىن جەمئىي 26 توننا ئىشلەپ، بىر قانچە ئۆلكىلەردە بازارغا سالغان. ئەمما، ھازىرچە كىملەرنىڭ بۇ زەھەرلىك سۈتتە زەھەرلەنگەنلىكى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.
ۋەقە ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، خىتاي ساقچى دائىرىلىرى زاۋۇت باشلىقى ۋاڭ جىگاڭ قاتارلىق 6 گۇماندارنى قولغا ئالغان.
خىتايدا ئويۇنچۇق، سۈت پاراشوكى ۋە چىش پاستىسى دېگەنگە ئوخشاش مەھسۇلاتلاردىن زەھەرلىنىش ھادىسىسى دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.
خىتايدا 2008 - يىلى 300 مىڭ ئادەم زەھەرلىك سۈت پاراشوكىدا زەھەرلەنگەن ئىدى.