بۇ نۆۋەت مۇسادىرە قىلىنغان زەھەرلىك سۈت پاراشوكى جەمئىي 103 توننا ئەتراپىدا ئىكەن. تەكشۈرۈشتە مەزكۇر ۋەقەگە چېتىشلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن 14 گۇماندار قولغا ئېلىنغان.
2008 - يىلى خىتايدا مېلامىن قوشۇلغان سۈت پاراشوكىدىن زەھەرلىنىش ھادىسىسى كۆرۈنگەن ۋە 300 مىڭدىن ئارتۇق بوۋاقنىڭ زەھەرلەنگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.