خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان يەنىمۇ كۆپ يېمەكلەردە مىنامىن بايقالماقتا

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خوڭكوڭدىن سەيشەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، خوڭكوڭ دائىرىلىرى، خوڭكوڭ بازىرىدا خىتايدا ئىشلەنگەن پېچىنە ھەمدە يانگاڭ ۋە كوكۇنات تورتلىرىدىمۇ زەھەرلىك خېمىيىلىك ماددا مىنامىن بايقىغان.

خوڭكوڭ يېمەك بىخەتەرلىك مەركىزى سەيشەنبە كۈنى مىنامىن بايقالغان بۇ پېچىنە - پىرەنىكلەرنىڭ تىئەنلېيۇئەن يېمەك شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭ ئالدىدا خىتايدا ئىشلەنگەن بىر قىسىم كەمپۈت ھەمدە شاكىلات قاتارلىق سۈتلۈك يېمەكلىكلەردىمۇ ئوخشاشلا مىنامىن ماددىسى بايقالغان ئىدى.

بۈگۈن يەنە تەيۋەن، خوڭكوڭ ھەمدە ماكاۋ بازارلىرىدا لىپتون سۈتلۈك چېيى چەكلەنگەن بولۇپ، بۇ مەھسۇلاتمۇ خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان سۈتتىن ئىشلەنگەن ئىكەن.

نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرى دەسلەپتە مىنامىن بايقالغان سەنلۇ ماركىلىق بوۋاقلار سۈت پاراشوكىنىڭ خىتاي بازىرىدىن %100 يىغىۋېلىنغان ھەم پېچەتلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ ئەمما باشقا سۈت قوشۇلغان يېمەكلىرىدە توختىماي مەسىلىلەر بايقالماقتا.

نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيادا خىتاينىڭ سۈتلۈك يېمەكلىرىلا ئەمەس بارلىق مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا ھەزەر ئەيلەش دولقۇنى قايتا كۆتۈرۈلدى. مىنامىن قوشۇلغان زەھەرلىك بوۋاقلار سۈت پاراشوكى ۋەقەسى پاش بولۇپ، ھازىرغا قەدەر خىتايدا زەھەرلىنىپ كېسەل بولغان بالىلار سانى 54 مىڭدىن ئاشىدۇ.

سەھىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە مىنامىن پلاستىك ئىشلەيدىغان بىر خىل خىمىيىلىك ماددا بولۇپ ئاز مىقداردىكى مىنامىن ئىنسان ھاياتىغا تەھدىت ئېلىپ كېلەلمىسىمۇ ئەمما، ئۇزاق مۇددەت ئىستىمال قىلىنسا بۆرەكتە تاش پەيدا قىلىش، بۆرەكنى ئاجىزلاشتۇرۇش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بولۇپمۇ بالىلارغا خەتىرى تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ.