خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى جايلاردا دۆلەتنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن مەخسۇس زەربە بېرىش ھەرىكىتى قوزغاشنى ئورۇنلاشتۇردى

خىتاي رادىئو تورىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى بۈگۈن، 31‏ - مارت (چارشەنبە) كۈنى، كوممۇنىست پارتىيىنىڭ دۆلىتىنى مۇقىم قىلىش ئۈچۈن، جايلاردا مەخسۇس زەربە بېرىش ھەرىكىتى قوزغاشنى ئورۇنلاشتۇرغان.

خىتاينىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى مېڭ جيەنجۇ بۈگۈن جەمئىيەتنى تۈزەش گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنى چاقىرىپ ، جايلاردا قارا گۇرۇھلارغا ، زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىرىگە، ئاقما نوپۇسلارنىڭ قانۇنسىز جىنايەتلىرىگە قارشى خەلق ئۇرۇشى قوزغاشنى ئورۇنلاشتۇرغان.

مېڭ جيەنجۇ، "ھازىر خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان قارا گۇرۇھلار، زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىرى، ئاقما نوپۇسلارنىڭ قانۇنسىز جىنايەتلىرى ئىنتايىن غالجىرلاشتى، بۇ، دۆلەتنىڭ مۇقىملىقىغا ئېغىر تەھدىت بولۇۋاتىدۇ، بۇ قېتىمقى مەخسۇس زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەمئىيەتنى تۈزەشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى،" دەپ كۆرسەتكەن ۋە ھەر دەرىجىلىك پارتكوملاردىن دەرھال ھەرىكەتلىنىشنى، بۇ خەلق ئۇرۇشنى يولغا قويۇش ئۈچۈن خەلق ئىچىدە ھەرخىل قوشۇنلارنى تەشكىللەشنى تەلەپ قىلغان.