خىتايدا ئىتقا يۇققان H1N1 تىپلىق يۇقۇملۇق زۇكام ۋىرۇسى بايقالدى

خىتاي يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا ھازىر چوشقا زۇكامى بارغانسىرى كەڭ تارقىلىۋاتىدۇ. خىتاي يېزا ئېگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھايۋانات دوختورخانىسىدا ئىتنىڭ بۇرۇن سۇيۇقلىقىدىن ئېلىنغان 52 ئەۋرىشكىدىمۇ H1N1 تىپلىق يۇقۇملۇق زۇكام (چوشقا زۇكامى) ۋىرۇسى بايقالغان.

بۇ، خىتايدا ئۆتكەن بىر نەچچە ھەپتىدە ئادەمدىن قايتا چوشقىغا يۇققان چوشقا زۇكامى ۋىرۇسى تۇنجى بايقالغاندىن كېيىن، يېقىندا يەنە تۇنجى قېتىم ئىت زۇكامى ۋىرۇسىنىڭ بايقالغانلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى چوشقا زۇكام ۋىرۇسى خۇددى قۇشخانىدا ئادەمدىن يۇققانغا ئوخشاش، ئىت زۇكامى ۋىرۇسىمۇ ئىت باققۇچىلار ياكى ئىت بىلەن قويۇق ئالاقە قىلغان كىشىلەردىن ئىتقا يۇققان. ئەمما ھازىر بۇ خىل ئىت زۇكامى تاراپ كەتسە، ئۇنىڭدىن مۇداپىئەلىنىدىغان ھېچقانداق ۋاكسىنا يوق.