خىتاي دۇنيادىكى 173 دۆلەت ئىچىدە ئارقىدىن سانىغاندا 6 ئورۇننى ئىگىلىگەن. خىتاينىڭ ئاخبارات ئەركىنلىك ئەھۋالى سەئۇدى ئەرەبىستان، ئۆزبېكىستان، زىمبابۇۋى ۋە ئىرانلاردىن ناچار دەپ باھالانغان بولۇپ، ئاخبارات ئەركىنلىك ئەھۋالى ئارقىدىن سانىغاندا ئالدىنقى 3 دۆلەت شىمالىي كورىيە، تۈركمەنىستان ۋە ئېرىتىرىيەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، گەرچە خىتايدىكى بىر قىسىم مۇخبىرلار ئاخبارات ئەركىنلىك روھىنى نامايەن قىلىشقا تىرىشقان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئاخباراتنى كونترول قىلىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن شۇنداقلا ئولىمپىك مەزگىلىدە ئۆكتىچىلەرنى تەقىپ قىلغان ۋە نازارەت ئاستىغا ئالغان.
چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى يەنە، خىتاينىڭ ئىنتېرنېتكە چەكلىمە قويىدىغان ئەللەر ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردىكى دۆلەت ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ مەخسۇس ئىنتېرنېتنى چەكلەش، نازارەت قىلىش ئىشلىرىغا ئاجراتقان مالىيە، ئادەم ۋە تېخنىكا كۈچى باشقا دۆلەتلەردىن زور دەرىجىدە ئېشىپ چۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ باھالىشىدا 167 - رەتتىكى دۆلەت بولۇپ، خىتاينىڭ ئورنى 2007 - يىلغا قارىغاندا 3 رەت تۆۋەنلىگەن. چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى خىتاينىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئاخبارات كونترولى ۋە ئۆكتىچىلەرنى تەقىپ قىلىشنى كۈچەيتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلار مەسئۇلى برۇسېلنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاينىڭ ناچار دۆلەتلەر قاتارىغا تىزىلىشىدا تۆۋەندىكى ئىككى ئامىلنىڭ رولى زور. بىرى، مۇخبىر، يازغۇچى، ئۆكتىچىلەر ۋە پىكىر ئەركىنلىك پائالىيەتچىلىرىنى تۇتقۇن قىلىش. يەنە بىرى، خىتاي كومپارتىيىسى تەشۋىقات بۆلۈملىرىنىڭ تەكشۈرۈش تۈزۈمىدۇر.
