دوكلاتتا مەزكۇر تەشكىلات دۇنيا مىقياسى بويىچە 178 دۆلەتنى ئاخبارات ئەركىنلىكى ۋەزىيتىگە ئاساسەن دەرىجىگە تىزىپ چىققان بولۇپ، خىتاي بۇ تىزىملىكتە ئارقىدىن سانىغاندا 8 - ئورۇندا يەر ئالدى.
دوكلاتتا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھەممىدىن بەك ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگە ئالاقىدار خەۋەرلەرنى قاتىق چەكلەيدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن: "گەرچە خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرى ۋە ئىنتېرنېت ئۇچۇر - ئالاقىسى ئىلگىرىكى يىللارغا قارىغاندا كۆپ ئاكتىپ بولسىمۇ، ئەمما خىتايدا خەۋەرگە قارىتىلغان كونترول ۋە بېسىم ئۈزلۈكسىز داۋام قىلىپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرگە ئالاقىدار خەۋەرلەر قاتتىق كونترول ئاستىغا ئېلىنماقتا."
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ تەشكىلات تىزغان تىزىملىكتە فىنلاندىيە، ئىسلاندىيە، گوللاندىيە، نورۋىگىيە ۋە شىۋىتسارىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئاخبارات ئەركىنلىكى ئەڭ ياخشى بولغان ئالدىنقى 5 دۆلەت قاتارىغا كىرگەن.
خوڭكوڭ بولسا 34 - تەيۋەن 48 - ئورۇندا يەر ئالغان. ئەمما خىتاي بولسا 171 - ئورۇندىن يەر ئېلىپ، دۇنيا بويىچە ئاخبارات ئەركىنلىكى ئەڭ ناچار دۆلەتلەر قاتارىغا كىرگەن.