ئامېرىكىنىڭ بىر تەكشۈرۈش ئۆمىكى شاڭخەيدە يۈز بەرگەن ئايروپىلان ۋەقەسىنى تەكشۈرمەكتە

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، "مد - 11" تىپلىق بىر يۈك ئايروپىلانى شەنبە كۈنى شاڭخەينىڭ فۇدوڭ ئايرودرومىدىن ئۇچۇش جەريانىدا ئاپەتكە ئۇچراپ، ئۈچ نەپەر ئايروپىلان خادىمى ئۆلگەنلىك سەۋەبى بىلەن ئامېرىكا تەكشۈرۈش خادىملىرى شاڭخەيگە كېلىپ، ۋەقەنى تەكشۈرۈشنى باشلىغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯜﺩﯞﺍﺭ
2009-11-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

مەزكۇر ئايروپىلان زىمبابۇۋىگە تەۋە "ئاۋىئەنت" شىركىتىنىڭ ئايروپىلانى بولۇپ، شاڭخەي فۇدوڭ ئايرودرومىدىن قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بىشكەككە قاراپ ئۇچماقچى ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۆلگەنلەردىن باشقا تۆت ئايروپىلان خادىمى يارىلانغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە بىر نەپەر ئامېرىكىلىق ئۇچقۇچى بار ئىكەن. خىتاي ئاخباراتلىرى مەزكۇر ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش يولىدا مېڭىپ، ئۇچۇش ئالدىدا ئايروپىلاننىڭ ئارقا قىسىمىنىڭ يەرگە ئۇرۇلۇپ كېتىشى نەتىجىسىدە مەزكۇر ۋەقە كېلىپ چىققانلىقىنى خەۋەر قىلغان.

ئەمما، ئامېرىكا تەرەپ بۇ ۋەقەنىڭ ھەقىقىي سەۋەبىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئاخىرقى يەكۈننى چىقىرىدىكەن.

تولۇق بەت