خىتايدا ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەردى

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن يەنى سەيشەنبە كۈنى كەچتە خىتاينىڭ خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسىدە ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن.

چۈشۈپ كەتكەن ئايروپىلان خېنەن ھاۋا يوللىرى شىركىتىگە ئائىت بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى بولۇپ، ۋەقە كەچ سائەت 10دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە يۈز بەرگەن.

خەۋەردە ئايروپىلاندا 96 نەپەر يولۇچى بارلىقى، ۋەقەدىن كېيىن، قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكى بايان قىلىنغان.

ۋەقە ھەققىدىكى ئەڭ يېقىنقى خەۋەردە، ۋەقەدە ئاز دېگەندە 43 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى، قالغانلىرىنىڭ يارىدار بولغانلىقىنى، يارىدارلاردىن ئۈچىنىڭ ئەھۋالىنىڭ جىددىي ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە. ئەمما ھازىرغا قەدەر ۋەقەنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ھىچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدى.