بۇنىڭ ئىچىدە 8 كىشى ئۆلگەن، 3 كىشى غايىپ بولغان؛ 1مىليون 500 مىڭ كىشى كۆچۈشكە مەجبۇر بولغان. قاتتىق بوران ۋە يامغۇر ئارىلاش بېسىپ كەلگەن ماراكوت تەيفېڭى 10 مىڭدىن ئارتۇق ئۆي ۋە 440مىڭ مودىن ئارتۇق ئېتىز - ئېرىقنى ۋەيران قىلغان. ئىقتىسادىي زىيان 9مىليارد يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن.
يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاي، سارس كېسىلى، قار ئاپىتى، يەر تەۋرەش ئاپىتى قاتارلىق تەبىئىي ئاپەتلەرنىڭ ئارقا - ئارقىدىن زەربىسىگە دۇچ كەلمەكتە. بۇ تۈر تەبىئىي ئاپەتلەر بەزىدە سىياسىي تالاش - تارتىشلارغىمۇ سەۋەب بولماقتا. بۇلتۈر سىچۈەندە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتى 14 - مارت لاسا ۋەقەسىنىڭ ئارقىسدىن يۈز بەرگەن.
ئامېرىكىدىكى داڭلىق كىنو چولپانلىرىدىن Sharon Stone خانىم، يەر تەۋرەشنى لاسا ۋەقەسى سەۋەبلىك كېلىپ چىققان تەڭرىنىڭ جازاسى دەپ قارايدىغانلىقىنى بايان قىلغان، بۇ سەۋەبلىك خىتاي سھارون ستوننىڭ خىتايدىكى سەنئەت پائالىيەتلىرىگە چەكلىمە قويغان ئىدى.