گۇاڭدۇڭدا بوۋاق ئەتكەسچىلىرىدىن قۇتقۇزۇۋېلىنغان 11 بالىغا ئىگە چىقمىغان

خىتايچە نەنفاڭ گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شەنۋېي ناھىيىسىدە، بوۋاق ئەتكەسچىلىرىدىن قۇتقۇزۇۋېلىنغان 11 بالىغا ئىگە چىقمىغان.

بۇ يىلنىڭ بېشىدا گۇاڭدۇڭ ساقچىلىرى بوۋاق ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بىر ئەتكەسچىلەر گۇرۇھىنى پاش قىلىپ، ئەتكەسچىلەرنىڭ قولىدىكى 26 بوۋاقنى قۇتۇلدۇرۇپ قالغان.

ۋەقە ئاشكارىلانغان 9 ئايدىن بېرى، 15 بوۋاققا ئىگە چىققان بولسىمۇ، قالغان 11 بوۋاق ئىگىسىز قالغان. نۆۋەتتە بۇ 11 بوۋاقنىڭ بىر قىسمى دېلونى پاش قىلغان ساقچىلارنىڭ ئۆيىدە بېقىلماقتا، بىر قىسمى بولسا ھۆكۈمەت ئايرىغان خىراجەت بىلەن باشقىلارغا ۋاقىتلىق باقتۇرۇلماقتا.

خەۋەردە ئەتكەسچىلەردىن قۇتۇلدۇرۇلغان بالىلارنىڭ قايسى ئۆلكە، قايسى شەھەرگە تەۋە ئىكەنلىكى، ئەتكەسچىلەرنىڭ بۇ بالىلارنى قاچان ۋە قانداق يوللار بىلەن قولغا چۈشۈرگەنلىكى ھەققىدە ھىچقانداق مەلۇمات بېرىلمىگەن.