بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلار خىتاي رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئالمىشىشتىن بىر نەچچە ھەپتە بۇرۇن ئېلان قىلىنغان بىر راي سىناش نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
راي سىناشنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتونغا جايلاشقان «پېۋ تەتقىقات مەركىزى» بۇ يىلنىڭ بېشىدا خىتايدا ئۇيۇشتۇرغان. راي سىناشقا 3 مىڭ ئادەم قاتناشقان بولۇپ، نەتىجىسى 16-ئۆكتەبىر ئېلان قىلىنغان.
راي سىناشقا قاتناشقۇچىلار ئىچىدە خىتايدىكى چىرىكلىك مەسىلىسىنىڭ ئېغىرلىقى ھەققىدە توختالغانلار بۇلتۇرقىدىن 11 پىرسەنت ئاشقان.
ئۇنىڭدىن باشقا راي سىناشقا قاتناشقۇچىلار خىتايدىكى پۇل پاخاللىقى ۋە يېمەك-ئىچمەك بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنىڭ ئۆزلىرىنى ئەڭ ئەندىشىگە سالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.