19 ياشلىق لۈ 7 - ماي كۈنى كانادادىكى ئوقۇۋاتقان مەكتىپىدىن ئايرىلىپ خىتايغا قاراپ يولغا چىقىپ بېيجىڭدا ئايروپىلاندىن پويىزغا ئالمىشىپ 12 - ماي ئەتىگەندە جىنەنگە يېتىپ كەلگەن ئىكەن.
سەھىيە تارماقلىرىنىڭ بۇ يۇقۇمدارنىڭ كانادادىن جىنەنگىچە بولغان سەپەرداشلىرىنى ئېنىقلاش ھەم ئالاقە باغلاش ئىشلىرىنى داۋام قىلماقتا ئىكەن.
سەيشەنبە كۈنى كەچتە يەنە چۇڭچىڭ شەھەرلىك سەھىيە تارماقلىرىمۇ 11 - مايدىن 12 - مايغا قەدەر چوڭچىڭدا ئىلگىرى - ئاخىر ئۈچ نەپەر h1n1 يۇقۇمدارىنىڭ بايقالغانلىقىنى ۋە يەنە ئۇلار بىلەن يېقىن ئالاقىدە بولغان ئۈچ نەپەر گۇماندارنىڭ كۆزىتىلىۋاتقانلىقىنى،كارانتىن قىلىنغانلارنىڭ 27 نەپەرگە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
دائىرىلەر چوڭچىڭدىكى يۇقۇمدارنىڭ ئىككىسىنىڭ چەتئەللىك، بىرىنىڭ يەرلىك كىشى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئىسىم ۋە دۆلەت تەۋەلىكىنى ئاشكارىلىمىدى. تۈنۈگۈن 30 ياشلىق باۋ فامىلىلىك ئامېرىكىدىن خىتايغا قايتقان بىر خىتاي ئوقۇغۇچىنىڭ چوشقا زۇكامى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنىڭ ئېنىقلىنىشى، خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى h1n1 ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغانغۇچىنىڭ تۇنجى قېتىم ئاشكارىلىنىشى ئىدى. خىتايدىكى چوشقا زۇكام يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ كۈندىلىك ئۆزگىرىشى پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سىتاتىستىكىغا قارىغاندا h1n1 يۇقۇملۇق زۇكام ۋىرۇسى 30 دۆلەتكە تارالغان، يۇقۇمدارلار 5251 نەپەرگە، ئۆلگەنلەر 61 نەپەرگە يەتتى.