خىتايدا تۇنجى چوشقا زۇكىمى يۇقۇمدارى بايقالدى

خىتايدا تۇنجى چوشقا زۇكىمى يۇقۇمدارى بايقالغان بولۇپ، بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، مەزكۇر يۇقۇمدار ئامېرىكىدىن خىتايغا قايتقان خىتاي ئوقۇغۇچى ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر باۋ فامىلىلىك يۇقۇمدار مىسسورى ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى مىسسورى سانت لۇئسى شەھىرىدىن ئايرىلغان ۋە ياپونىيىنىڭ توكيو شەھىرىدە بىر توختاپ، شەنبە كۈنى بېيجىڭغا ئاندىن يەنە ئايروپىلان ئالمىشىپ سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ چېڭدۇ شەھىرىگە كەلگەن.

باۋ ئۆزىدە قىزىش، گېلى ئاغرىش ۋە يۆتىلىش ئالامەتلىرىنى بايقىغاندىن كېيىن دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنگەن ۋە نەتىجىدە ئۇنىڭ H1N1 يۇقۇملۇق زۇكام ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بايقالغان.

يۇقۇمدار باۋ بىلەن بېيجىڭدىن چېڭدۇغا بىرگە كەلگەن 150 نەپەر يولۇچىنىڭ 63 نەپىرى كارانتىن ئورۇنلىرىغا كۆزىتىشكە ئېلىپ كېتىلگەن بولۇپ، شىنخۇا ئاگېنتلىقى كارانتىن قىلىنغانلار سانىنىڭ 130 نەپەرگە يەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلغان.

خەۋەردە نەقىل قىلىنىشىچە، خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى، يۇقۇمدار باۋنىڭ ئەھۋالىنىڭ تۇراقلىق ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئۇنىڭ مەزكۇر ۋىرۇس بىلەن قانداق ۋە قەيەردە ئۇچراشقانلىقىنى ھازىرچە بىلەلمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

H1N1 دەپ ئاتىلىدىغان چوشقا زۇكام ۋىرۇسى نۆۋەتتە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارالغان ۋە 58 ئادەمنىڭ جىنىغا زامىن بولغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي قاتارلىق ئاسىيا ئەللىرى يۇقۇملىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەنلىكىنى بايان قىلماقتا ئىدى.