بىشوپ بېكىتىش مەسىلىسى سەۋەبىدىن ۋاتىكان بىلەن خىتاي مۇناسىۋىتى يەنە جىددىيلەشتى

رىم ۋاتىكانى بىلەن خىتاي مۇناسىۋىتى خېبېينىڭ چېڭدﯤ رايونىغا بىشوپ بېكىتىش مەسىلىسىدە ئىختىلاپ يۈز بېرىپ، يەنە جىددىيلىشىپ كەتتى. خىتاينىڭ ۋەتەنپەرۋەر كاتولىك جەمئىيىتى شەنبە كۈنى ۋاتىكاننىڭ تەستىقىسىز گۇ جىنسەي ئىسىملىك كاتولىك ئۆلىماسىنى خېبېينىڭ چېڭدﯤ رايونىغا بىشوپ قىلىپ تەيىنلىمەكچى بولغان ۋە شۇ رايوندىكى بارلىق كاتولىك ئۆلىمالىرىنىڭ مۇراسىمغا قاتنىشىشىنى تەلەپ قىلغان.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رىم ۋاتىكانى پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ۋاتىكاننىڭ تەستىقىسىز چېڭدېغا بىشوپ تەيىنلەشنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى. ۋاتىكان باياناتچىسىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ۋاتىكان بۇ ۋەقە سەۋەبىدىن بېيجىڭ بىلەن كۆرۈشكەن ۋە بۇ ۋەقەنىڭ ئاستا - ئاستا ئۆزگىرىۋاتقان خىتاي - ۋاتىكان مۇناسىۋىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.

ۋاتىكان، خېبېي ئۆلكىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەرنىڭ مەزكۇر ئۆلكە دائىرىسىدىكى بارلىق كاتولىك بىشوپلىرىدىن جۈملىدىن ۋاتىكانغا سادىق بىشوپلاردىن گۇ جىنسەينىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا قاتنىشىشنى تەلەپ قىلىپ، ئۇلارغا بېسىم ئىشلەتكەنلىكى، ھەتتا ۋاتىكانغا سادىق بەزى بىشوپلارنىڭ مۇراسىمغا قاتناشماسلىقىدىن ئەنسىرەپ ئۇلارنى كۆزىتىشكە باشلىغانلىقىدىن ۋاقىپ بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ۋاتىكاننىڭ باياناتىدا ئەسكەرتىشىچە، ئەگەر بۇ خەۋەرنىڭ راستلىقى ئىسپاتلانسا، ۋاتىكان بۇ ۋەقەنى دىنىي ئەركىنلىك ۋە ۋىجدان ئەركىنلىكىگە قىلىنغان ئېغىر دەپسەندىچىلىك، دەپ ھېسابلايدىكەن. لېكىن، خىتاي ۋەتەنپەرۋەر كاتولىك جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ليۇ بونيەن جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، جۇڭگونىڭ بىشوپ تەيىنلەش ھوقۇقى بارلىقىنى، ۋاتىكاننىڭ بۇنىڭغا ئارىلىشىش ھوقۇقى يوقلۇقىنى، گۇ جىنسەينىڭ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمى شەنبە كۈنى ئۆز ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.