خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى ما جاۋشۈ ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ دوكلاتىدىكى، خىتاي دىنىي ئەركىنلىك خاتىرىسىگە قارىتىلغان تەنقىدلەرنى" ئاساسسىز" دەپ نارازىلىق بىلدۈرگەن.
ما جاۋشۈ، نارازىلىق باياناتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۇقرالارنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىش ئەركىنلىكىنى قانۇن ئارقىلىق قوغداۋاتقانلىقىنى، ھەر قايسى مىللەت،ھەر قايسى دىندىكىلەرنىڭ ئېتىقاد پائالىيەتلىرىنىڭ ھېچقانداق توسالغۇغا ئۇچرىمايۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ " ئامېرىكىدىكى ئاتالمىش خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىىنىڭ جۇڭگونى يەنە قايتا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى بوغۇش بىلەن ئەيىبلىشى ھېچقانداق پاكىتسىز، بىر تەرەپلىمە ئەيىبلەش، بۇ نېمىنى مەقسەت قىلىشىدىن قەتئىي نەزەر مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرالمايدۇ " دېگەن.
ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر دوكلاتىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە خىتايدىكى ھەر قايسى دىنىي جامائەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە سىستېمىلىق ۋە ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىنى كۈرسەتكەن. دوكلاتتا بولۇپمۇ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارغا قارىتا قاتتىق چەكلىمە قويۇۋاتقانلىقىنى شۇنداقلا يەنە پروتېستانت، كاتولىك،تىبەت بۇددسىتلىرى ۋە فالۇنگوڭ مۇرىتلىرىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ھەم قولغا ئېلىنغانلارنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا، ئۆتكەن ھەپتىدىن باشلاپ ئۈرۈمچى ئايرودرومىدا خىتاينىڭ تارقاق ھەجگە زەربە بېرىش ھەرىكىتى قايتا باشلانغان بولۇپ، مەخسۇس سەپەرگە چىققان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارغا قارىتا تەكشۈرۈش كۈچەيتىلمەكتە ئىكەن.
