دوكلاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، دۇنيا نوپۇسىنىڭ 70 پرسەنتكە يېقىنى ئوخشىمىغان تۈرلەر بويىچە دىنىي ئەركىنلىكتە چەكلىمىگە ئۇچرايدىكەن. دوكلاتتا يەنە دۇنيادىكى دىنىي ئەركىنلىك ئەھۋالى ئەڭ ناچار بولغان 10 دۆلەت تىزىپ چىقىلغان بولۇپ، بۇنىڭ قاتارىدا خىتايمۇ بار.
بۇنىڭدا خىتايدىكى ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىمۇ تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، خىتاينىڭ تىبەت بۇددىستلىرىنىڭ ۋە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنى پائالىيەتلىرىنى چەكلەپ كېلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇلاردىن باشقا يەنە، فالۇنگوڭغا ئوخشاش ھەرىكەتلەرنىڭ ۋە باشقا دىنى تەشكىلاتلارنىڭمۇ "ئەنگە ئېلىنمىغان تەشكىلات" دېگەن نام بىلەن قاتتىق بېسىملارغا ئۇچرايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
سەئۇدى ئەرەبىستان، ئىران، مىسىر ۋە ئافغانىستان قاتارلىق مۇسۇلمان دۆلەتلىرىمۇ دىنى ئەركىنلىك ئېغىر دەرىجىدە چەكلىمىگە ئۇچرايدىغان دۆلەتلەر قاتارىدىن يەر ئالغان بولۇپ، دوكلاتتا ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، بۇ دۆلەتلەردە كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرى خالىغان دىنغا ئىشىنىش ھوقۇقى قاتتىق چەكلەنمەكتە. غەربىي ياۋروپادىكى گېرمانىيە ۋە فىرانسىيە ۋە ئاۋىستريە قاتارلىق دۆلەتلەردە بولسا كىشىلەرنىڭ ئوخشىمايدىغان تەرىقەت ۋە مەزھەپلەرگە ئىشىنىشى قانۇن ئارقىلىق چەكلەنمەكتە.