جياڭ يۈي كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ مەزكۇر دوكلات توغرىسىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، بۇ دوكلاتنىڭ جۇڭگوغا نىسبەتەن بىر تەرەپلىمىلىككە تولغانلىقىنى، دوكلاتتىكى تەنقىدلەرنىڭ ئاساسى يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان ھەر قايسى ئەللەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىدا خىتاي دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتىنىڭ 2009 - ۋە 2010 - يىلى ئۈزلۈكسىز ناچارلاشقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، "ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر ۋەزىيەتكە دۇچ كەلگەنلىكى"نى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى ئاجىزلاشتۇرۇشقا ئۇرىنىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ يولدا تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى يولغا قويىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
لېكىن جياڭيۈي پەيشەنبە كۈنكى باياناتىدا جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنلارغا ئاساسەن پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قوغداۋاتقانلىقىنى، جۇڭگودا ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۈرلۈك دىنىي ھوقۇقلاردىن بەھرىمان بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئەمما، خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مۇسۇلمانلار ۋە ئوخشاشلا پروتېستانتلارنىڭ "ئۈزلۈكسىز كۈچەيگەن زىيانكەشلىك، قولغا ئېلىش، دىنىي ئېتىقادنى ئاجىزلىتىش ھەرىكىتىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى"نى تەكىتلىگەن.