چوڭ قۇرۇقلۇقتا دىنىي جەھەتتىن چەكلىك ئېچىۋېتىش يۈز بېرىشى مۇمكىن

مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ تەيبېيدىن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى بۇيىل 12 ‏ - ئايدا ئاچىدىغان مۇھاكىمە يىغىنىغا، ھەتتا چوڭ قۇرۇقلۇقتا ئاللىقاچان يوقىتىلغان "باخايى، يىگۇئەنداۋ " دېگەن دىنلاردىن تەيۋەندە ساقلىنىپ قالغانلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنىمۇ تەكلىپ قىلغان.

بۇ چوڭ مۇھاكىمىگە تەكلىپ قىلىنغان تەيۋەن دىنىي ۋە ئىجتىمائىي جەمئىيەتلەر بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقى، جېنلى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دىن ۋە مەدەنىيەت فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى جاڭ جالىن بۈگۈن 'چوڭ قۇرۇقلۇقتا ئىقتىساد ياخشىلانغاندىن كېيىن، ئەنئەنىۋى كوڭزىچىلىق قايتىدىن ئېتىراپ قىلىندى.

بۇ، باشقا دىنلارغىمۇ تەسىر قىلدى. ئەمما بۇ بىرخىل دىنىي ئەنئەنىنىلا ئېتىراپ قىلىش خەلقنىڭ ھازىرقى دىن - ئېتىقات جەھەتتىكى قىزغىن ئارزۇ - ھەۋەسلىرىنى ھەرگىز قاندۇرالمايدۇ. ئەمدى چوڭ قۇرۇقلۇقتا، دىنىي جەھەتتىن چەكلىك ئېچىۋېتىش يۈز بېرىشى مۇمكىن' دېگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، چوڭ قۇرۇقلۇقتا، 1979‏ - يىلى دىنىي ئېتىقادقىمۇ ئىشىك ئېچىۋېتىلگەن ئىدى. شۇڭلاشقا خەلق ئىچىدىكى بەزى دىنلار فۇجەننىڭ جەنۇبىدا ساقلىنىپ قالدى. بېيجىڭدىمۇ مەخپىي خرىستىيان تەشكىلاتلىرى ئىنتايىن ئەۋج ئالدى. خىتاي بۇلارنى بىرتەرەپ قىلالمىدى. ھازىر تەيۋەندە كوڭزىچىلىقتىن باشقا يەنە 7 خىل ئەنئەنىۋى دىن قانۇنلۇقتۇر.