خىتاي، ئۇيغۇر ئېلى قاتارلىق جايلاردا خرىستىئان چېركاۋلىرىنىڭ روژجىستىۋا يىغىلىشىنى چەكلىگەن

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلى قاتارلىق جايلاردا خرىستىئانلارنىڭ روژجىستىۋا بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئائىلە چېركاۋلىرىغا يىغىلىپ، دىنىي مۇراسىم ئۆتكۈزۈشىنى چەكلىگەن.

ئامېرىكىنىڭ تېكساس شتاتىدىكى جۇڭگو ياردەم جەمئىيىتىنىڭ جۈمە كۈنى ئېلان قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ چىتەي ناھىيىسىدە خرىستىئانلار 25 - دېكابىر روژجىستىۋا كۈنى بىر ئائىلە چېركاۋىغا يىغىلىپ، دىنىي مۇراسىم ئۆتكۈزىۋاتقاندا مەزكۇر ئائىلە چېركاۋىنىڭ 7 نەپەر دىن تارقاتقۇچىسى يەرلىك ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن.

دائىرىلەر يەنە 21 ‏ - دېكابىر كۈنى غۇلجا شەھىرىدىكى بىر ئائىلە خرىستىئان چېركاۋىنىڭ پائالىيىتىنى چەكلەپ، ئائىلە چېركاۋىنىڭ چوقۇندۇرغۇچىسىغا ئەگەر پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرسا قولغا ئېلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن.

جۇڭگو ياردەم جەمئىيىتى بۇ تۈردىكى ۋەقەلەرنىڭ ئۇيغۇر ئىلى بىلەن چەكلەنمەيدىغانلىقىنى، ئائىلە چېركاۋلىرىنىڭ روژجىستىۋا پائالىيىتىنى چەكلەش ۋەقەلىرىنىڭ ئەنخۇي، خېبېي، خېنەن ئۆلكىلىرىدىمۇ يۈز بەرگەنلىكى، 25 ‏ - دېكابىر كۈنى ئەنخۇينىڭ خاۋجۇ شەھىرىدىكى بىر ئائىلە چېركاۋى روژجىستىۋا بايرىمىنى تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزىۋاتقاندا ساقچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، چېركاۋنىڭ 2 مۆتىۋېرىنىڭ تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

24 ‏ - دېكابىر كۈنى يەنى روژجىستىۋا بايرىمىنىڭ ھارپا كۈنى ساقچىلار خېنەننىڭ يۈيچىڭ ناھىيىسىدە ئائىلە چېركاۋىنىڭ 9 نەپەر مۆتىۋېرىنى قولغا ئالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ 5 نەپىرىنى جەرىمانە تۆلىگەندىن كېيىن قويۇپ بەرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى تىزىمغا ئالدۇرمىغان ھەر قانداق دىنىي پائالىيەت ۋە دىنىي گۇرۇھلارنى " قانۇنسىز" دىنىي پائالىيەت ياكى دىنىي گۇرۇھ،" دەپ قارىماقتا ۋە ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنى چەكلىمەكتە.