خەۋەرلەردە ئەسكەرتىشىچە، ئېغىز - بۇرۇن ياللۇغى خىتايدا ھەر يىلى ئەتىياز ۋە ياز پەسلىدە باش كۆتۈرىدىغان كېسەللىك بولسىمۇ، لېكىن مەزكۇر كېسەللىك ئۆتكەن يىلغا قارىغاندا، بۇ يىل بالدۇر باشلانغان.
"بېيجىڭ خەۋەرلەر" گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە، خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شياۋ دۇڭلۇنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيانقى 5 ئايدا مەزكۇر كېسەللىك سەۋەبىدىن ئۆلگەن بالىلارنىڭ سانى ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىن 143% ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە، مەزكۇر كېسەللىكنىڭ گۇاڭدۇڭ ۋە گۇاڭشىلاردا كەڭ تارقالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. لېكىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرىدا بولسا، مەزكۇر كېسەللىكنىڭ رايوندا بۇ يىلقى تارقىلىش ئەھۋالىغا دائىر خەۋەرلەرنى ئۇچراتقىلى بولمىدى.
شياۋ دۇڭلۇ بۇ كېسەللىك نورمالدا 5 - ۋە 7 - ئايلاردا كەڭ تارقىلىدىغان كېسەللىك بولسىمۇ، لېكىن بۇ يىل 4 - ئايدىلا يۇقىرى پەللىگە چىققانلىقىنى ئەسكەرتىپ، 430 مىڭ بالىنىڭ مەزكۇر كېسەللىك ۋىرۇسىدا ئاغرىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 2009 - يىلى خىتايدا مەزكۇر كېسەللىك سەۋەبىدىن 353 بالا ئۆلگەن.