بۇ ئالاھىدە ھەرىكەت پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە ئالتە ئاي داۋاملىشىدىكەن. خىتايدا بۇنىڭدىن بۇرۇن، بۇنداق ھەرىكەتلەر 'قاتتىق زەربە بېرىش' دەپ ئاتىلاتتى. خىتاي ھازىر باشلانغان 'ئالاھىدە ھەرىكەت' دېگەن بۇ نام يېقىندا ئىجاد قىلىنغان يېڭى ئاتالغۇ. خىتاي ھازىر بۇ ھەرىكەتنى 'ئەقلىي مۈلك ھوقۇقىغا خىلاپ مال ئىشلەشكە ۋە ساختا مال سېتىشقا قارشى تۇرۇش' ھەرىكىتى دەپ چۈشەندۈرمەكتە.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى خۇجىنتاۋنىڭ كېلەر يىلى 1 - ئايدىكى ئامېرىكا زىيارىتى ئۈچۈن تەييارلىق كۆرۈشكە باشلىغان مۇشۇ ۋاقىتتا، ئامېرىكا قانۇن تارماقلىرىنىڭ باشلىقى باش تەپتىش ئېرك خولدېر خىتايغا كەلدى. ئۇ، تۈنۈگۈن خوڭكوڭدا قىلغان سۆزىدە، خىتاينى نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن مەھبۇس ليۇ شاۋبونى تۈرمىدىن قويۇپ بېرىشكە چاقىرغان ئىدى.
ئامېرىكىنىڭ باش تەپتىشى ئېرك خولدېر تۈنۈگۈن بېيجىڭدا خىتاينىڭ بىخەتەرلىك جەھەتتىكى باش ئەمەلدارى جۇ يۈڭكاڭ ۋە جامائەت خەۋپسىزلىك جەھەتتىكى باش ئەمەلدارى مېڭ جيەنجۇلار بىلەن كۈرۈشكەندىن كېيىن، خىتاي دۆلەت كابىنتى خىتايدا بۇنداق بىر ئالاھىدە ھەرىكەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
خىتاي - ئۇيغۇر مۇناسىۋەتلىرى جەھەتتىن كۆزەتكەندە، خىتاي بۇنىڭدىن بۇرۇن ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئېلىپ بارغان 'قاتتىق زەربە بېرىش' دەپ ئاتالغان ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسىدە، ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ زەربىگە ئۇچراپ كەلمەكتە.