خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينى پۇقرالار ئەركىنلىكىنى بوغۇش بىلەن ئەيىبلىدى

مەركىزى لوندوندىكى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى پەيشەنبە كۈنى خوڭكوڭدا 2010‏ - يىللىق دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۈرۈمچى "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"گە قاتناشقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسى ۋە ئىز ‏ - دېرەكسىز يوقاپ كېتىش ۋەقەلىرىنى ئەيىبلىدى.

دوكلاتتا يەنە، بەزى خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ تىبەت روھانى داھىسى دالاي لامانى قوللايدىغان دۆلەتلەرگە ئىمبارگو يۈرگۈزۈشنى تەشەببۇس قىلغانلىقىنى ئەيىبلەپ، شىمالىي كورىيە مۇساپىرلىرىنى كەمسىتكەنلىكىنى، ئۇلارغا ئىقتىسادى مۇساپىر مۇئامىلىسى قىلىپ، ئۇلارنىڭ كېرەكلىك ياردەمگە ئېرىشىشىگە توسقۇنلۇق قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى يەنە خىتاي، ھىندىستان، ھىندونېزىيە، رۇسىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە قاتناشماسلىقى دۇنياغا خاتا سىگنال بېرىۋاتقانلىقىنى چاقىرىپ، دۇنيادىكى ئاساسلىق 20 ئىقتىسادى چوڭ دۆلەتنى ئاكتىپچانلىق بىلەن خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە قاتنىشىشقا چاقىرغان.