خىتايدا ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى ئۆزىنىڭ ئەيدىز كېسىلى ئىكەنلىكىدىن خەۋەرسىز

ب د ت ئەيدىز پىلانلاش ئىدارىسى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋە خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى بىرلەشمە باھالاش ئېلىپ بېرىپ، خىتايدا ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقۇمدارى ۋە ئەيدىز كېسىلى بىمارلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆپىيىۋاتقانلىقى، بىمار ۋە ۋىرۇس يۇقۇمدارلىرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى ئۆزىنىڭ كېسىلىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتىكى بىر خەۋىرىدە ئەسكەرتىپ، خىتايدا ھازىرغا قەدەر بايقالغان ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقۇمدارى ۋە ئەيدىز كېسىلى بىمارلىرىنىڭ 346 مىڭ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق خەلقئارا ئەيدىز مۇتەخەسسىسلىرى بۇ يىلنىڭ ئاخىرلىرىغىچە ئەيدىز بىمارلىرى ۋە يۇقۇمدارلىرىنىڭ 780 مىڭغا يېتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

بەزى كۆزەتكۈچىلەر، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز يۇقۇمدارى ۋە بىمارلىرىنىڭ سانى مەسىلىسىدىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇمات بىلەن خەلقئارا مۇتەخەسسىسلەر پەرەز قىلغان سانلىق ستاتىستىكا ئارىسىدا زور پەرق بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز يۇقۇمدارى ۋە بىمارلىرىنىڭ 32 مىڭ ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. بىراق خەلقئارا مۇتەخەسسىسلەر بۇنىڭدىن 60 مىڭدىن كۆپ ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتايدا ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقۇمدارى ۋە ئەيدىز كېسىلى بىمارلىرىنىڭ 56 % ئى ئۆزىنىڭ مەزكۇر ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلىقى ياكى ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىدىن خەۋەرسىز ئىكەن.

ئانالىزچىلار، خىتاي دىكى بىمار ۋە يۇقۇمدارلىرى ھۆكۈمەت ۋە جەمئىيەتنىڭ كەمسىتىشىدىن قورقۇپ ئۆزىنى مەلۇم قىلىشتىن قاچىدىغانلىقى، بىراق بۇ ئەيدىزنىڭ ئىلگىرىلەپ يامرىشىغا تۈرتكە بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.