خىتايدا ھەر يىلى غالجىرلىق كېسىلى بىلە ئۆلۈپ كېتىدىغانلار سانى دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ

خىتايدا ھەر يىلى غالجىرلىق كېسىلى بىلە ئۆلۈپ كېتىدىغانلار سانى دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن. فرانسىيە ئاگېنتلىقىدا نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، غالجىرلىق كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كېتىش ھادىسىسى خىتايدا ئاممىۋى ساغلاملىققا ئەڭ زور تەھدىت ئېلىپ كېلىدىكەن.

خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتە تارقاتقان ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا، خىتايدا ھەر يىلى 2400 ئەتراپىدا ئادەم غالجىرلىق كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كېتىدىكەن.

ئۇچۇردا كۆرسىتىلىشىچە، ھىندىستان غالجىرلىق كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كېتىدىغانلار سانى جەھەتتە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن.

خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلىرى 28 - سېنتەبىر دۈشەنبە دۇنيا غالجىرلىق كېسىلى كۈنىدە ئېلان قىلىنغان.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، ئەيدىز، ئۆپكە تۇبېركۇليوز ۋە غالجىرلىق كېسىلى قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر خىتايدىكى يۇقۇملىنىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى 3 چوڭ يۇقۇملۇق كېسەللىك بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.