خىتايدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىت، مۈشۈك يېيىشنى مەنئى قىلىش تەشەببۇسى غۇلغۇلا قوزغىماقتا

رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن بايان قىلىشىچە، خىتايدا يېقىندا ئىت، مۈشۈكنى تىرىك ھالىتىدە داڭقان شورپىسى قىلىپ يېيىشنى مەنئى قىلىش، شۇنداقلا، ئىت، مۈشۈك يىگۈچىلەرگە 5 مىڭ يۇەن جەرىمانە ۋە 15 كۈنلۈك قاماق جازاسى بېرىش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى.

ئەمما خىتاينىڭ ياۋايى ھايۋاناتلارنى قوغداش ئورگىنىنىڭ باشلىقى شۈ خۇيچاڭنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ تەشەببۇس خىتايدا، بولۇپمۇ ئىت، مۈشۈك يېيىش ئەنئەنىسى بار جياڭسۇ ئۆلكىسىدە ئاقماسلىقى مۇمكىن.

ب ب س نىڭ مۇنازىرە سەھىپىسىدە ئاشكارىلىنىشىچە، ئىنسانلار بىلەن دوس ئۆتىدىغان ئىت، مۈشۈكنى يەپ كېتىش خىتايدا ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئەنئەنە. بۇ ئەنئەنە بۇنىڭدىن 2 مىڭ يىل بۇرۇن خەن سۇلالىسىنى قۇرغان ليۇ باڭدىن قالغان.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ليۇ باڭنىڭ يۇرتى بولغان جياڭسۇنىڭ پېيشەن ناھىيىسىدە ئىت، مۈشۈك يېمەكلىرى ئىنتايىن ئەۋج ئېلىۋاتىدۇ. بۇ يۇرتنىڭ 'پېيشەن ئىت گۆشى' ماركىلىق داڭلىق مەھسۇلاتلىرى رۇسىيە، ياپونىيە، كورىيە، سىنگاپورلارغا ئىكىسپورت قىلىنىپ تۇرماقتا.

خىتايدا ھازىر خەن جەمەتىنىڭ ئەنئەنىسىنى تەرەققى قىلدۇرۇۋاتقان تىجارەتچىنىڭ سانى 100 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، يىللىق تاپاۋىتى بىر مىليارد يۇەندىن ئاشىدۇ.