رويتېرستا كۆرسىتىشىچە، سىچۈەندىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خۇاڭ چى "دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى قانۇنسىز ئېلىپ يۈرۈش" جىنايىتى بىلەن جازاغا تارتىلغان. خۇاڭنىڭ ئايالى زېن لى سوتقا قاتناشقان ۋە سوتتا ئېرىنىڭ قايسى خىلدىكى دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئېلىپ يۈرگەنلىكى تىلغا ئېلىنمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ پەقەت "ئۆچ ئېلىش" مەقسىتىدە ئېرىگە شۇنداق جازا ئارتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
2008 - يىلى 12 - ماي سىچۈەندە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە 80 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇلارنىڭ ئىچىدە 5 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى بار ئىكەن. خۇاڭ چى يەر تەۋرەشتە ئۆلۈپ كەتكەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرىغا ياردەملىشىپ نامايىش ئۇيۇشتۇرغان ۋە مەكتەپ بىنالىرىنىڭ ساختا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خۇاڭنىڭ ھۆكۈمنامىسى ئۇنىڭ ئايالىغا كۆرسىتىلمىگەن.