دوكلاتنىڭ ئاسىيا - تېنچ ئوكيان رايونىغا ئالاقىدار قىسمىدا، ئىشىچىلار ھوقۇقىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولۇشى جەھەتتە، ئاۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيە ۋە جەنۇبىي كورىيە بىرىنچى رەتتە، ياپونىيە ۋە تەيۋەن ئىككىنچى رەتتە ئورۇن ئالدى. خىتاي بولسا ئافغانىستان ۋە كامبودژا قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بىر قاتاردا ئىشچىلار ھوقۇقى دەپسەندە قىلىنغان دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.
دوكلاتتا ۋېيتنام، لائوس، بېرما ۋە شىمالىي كورىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئىشىچىلار ھوقۇقى ئېغىر دەپسەندە بولۇۋاتقان دۆلەتلەر دەپ كۆرسىتىلدى.
دوكلاتنىڭ مەخسۇس خىتايغا ئالاقىدار قىسمىدا، خىتاي ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇستەقىل ئەمەسلىكى، ئىشچىلارنىڭ ئىش تاشلاش ھوقۇقى يوقلۇقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى. دوكلاتتا، غەربىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ئىشچىلارنىڭ ھوقۇقى ئەڭ ھۆرمەت قىلىنغان دۆلەتلەر دەپ تىلغا ئېلىندى.