2 - فېۋرال دۈشەنبە كۈنى، خىتاي يېزا خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى مۇدىرى چېن شىۋېن، خىتايدا 130 مىليون ئەتراپىدا ئاققۇن ئىشچى بارلىقىنى، نۆۋەتتە بۇلارنىڭ 15 پىرسەنتىنىڭ خىزمەتسىز قالغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە نەقىل قىلىنىشىچە، ھەر يىلى 5 - 6 مىليون ئاققۇن ئىشچىنىڭ خىزمەت ئىزدىگۈچىلەر سېپىگە قوشۇلىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن چېن شىۋېن يەنە: "بۇلارنىڭ ھەممىسىنى قوشۇپ ھېسابلىغاندا، نۆۋەتتە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 25 - 26 مىليون ئاققۇن ئىشچى خىزمەتسىزلىك بېسىمىدا قالغان بولىدۇ" دېگەن ۋە بۇلارغا خىزمەت پۇرسىتى يارىتىشنىڭ خىتاي جەمئىيەت مۇقىملىقى ئۇچۇن ھەل قىلغۇچ ئامىل ئىكەنلىكىنى قوشۇمچە قىلغان.
دەرۋەقە، ئېكسپورت نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ تاقىلىپ قېلىۋاتقان خىتاي زاۋۇتلىرى مىڭلىغان ئىشچىلارنى ئىشتىن بوشىتىشقا مەجبۇر بولغان بولۇپ، يېقىندىن بېرى جەنۇبىي خىتاي رايونلىرىدا مائاشىنى ئالالمىغان ئىشچىلار كوچىلارغا چىقىپ نامايىش قىلىدىغان ئەھۋاللار بارغانچە كۆپەيمەكتە ئىدى.