خىتايدا بۇ يىل 12 مىليون خىزمەت ئىزدىگۈچى خىزمەت تاپالمايدىكەن

خىتايدا بۇ يىل 24 مىليون ئادەم خىزمەت ئىزدەيدىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ پەقەت يېرىمى دېگۈدەكلا، خىزمەتسىز قىلىشى مۇمكىن ئىكەن. خىتاي گېزىتىدە كۆرسىتىشكە، ئەگەر خىتاي ئىقتىسادىدا بۇ يىل 8 پىرسەنتلىك ئۆسۈش ھاسىل قىلىنغان تەقدىردىمۇ، يەنە 12 مىليون خىزمەت ئىزدىگۈچى خىزمەت تاپالمايدىكەن.

خەۋەردە، خىتاي ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە ئەمگەك مىنىستىرى يىن ۋېيمىننىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، خىتايدا ئەمگەك كۈچىگە بولغان ئېھتىياج بىلەن خىزمەتسىز ئەگمەك كۈچلىرى ئارىسىدىكى نىسبەت ئۆتكەن يىلدىكىدىن كۆپ زورىيىپ كەتكەن.

ئۆتكەن يىلدىن باشلاپ دۇنيا ئىقتىسادىدا كۆرۈنگەن داۋالغۇش سەۋەبىدىن، خىتاينىڭ ئېكسپورت قىممىتى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تۆۋەنلىگەن. نەتىجىدە كۆپلىگەن خىتاي زاۋۇتلىرى تاقالغان بولغاچقا 30 مىليوندەك كۆچمەن ئىشچى خىزمىتىدىن ئايرىلغان ئىدى.

خىتاي دائىرىلىرى خىتاي ئىچىدە ئىقتىسادنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۇچۇن 586 مىليارد دوللار مەبلەغ سالغان بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ خىتايدىكى خىزمەتسىزلىك نىسبىتىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتەلمىگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.