خىتايدىكى ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ ھۆكۈمەت ستاتىستىكىسىدىن بىر ھەسسە يۇقىرىلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئېلان قىلىنغان ئىشسىزلىق نىسبىتى ھەققىدىكى ئىستىلىستىكىلىق مەلۇماتلارنىڭ ئىشەنچلىك ئەمەسلىكى خىتايدىكى ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدە ۋە غەرب ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

11-دېكابىر كۈنى خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن بىرى «خەلق تورى» دا، خىتاينىڭ 2012-يىللىق ئىشسىزلىق نىسبىتى 4.1% دەپ ئېلان قىلىندى. خەۋەردە يەنە ئۇيغۇر رايونىنىڭ بۇ يىللىق ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ 2.86% بولغانلىقى بايان قىلىنىپ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ خىتايدا ئىشسىزلىق نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن ئورۇن ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

خەۋەردە «بۇ يىل شىنجاڭنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى مۇقىم، شەھەر بازارلاردا 400 مىڭ كىشى مەنپەئەتدار بولدى» دېگەن بايانلار بېرىلىپ، 2012-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەۋەسىدە 51 مىڭ 400 ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئەمما فرانسىيە رادىئوسى خىتاي بۆلۈمىنىڭ 11-دېكابىر ئوخشاش كۈندىكى خەۋىرىدە چېڭدۇ غەربىي جەنۇب مالىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تەتقىقاتچى گەنلىنىڭ خىتايدىكى 8000 ئائىلىنى تەكشۈرۈپ ئىستاتېستىكا قىلىش ئارقىلىق چىقارغان يەكۈنى ئېلان قىلىنىپ، خىتايدا 2012-يىلى 6-ئاي مەزگىلىدىكى شەھەر-بازارلاردىكى ئىشسىزلىق نىسبىتى 8.05% كە يېتىپ، 2011-يىلى 8-ئاي مەزگىلىدىكىدىن 8% ئاشقانلىقى، بۇنىڭ ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان خىتايدىكى ئىشسىزلىق نىسبىتى 4.1% دېگەن مەلۇماتتىن بىر ھەسسە يۇقىرىلىقى تەكىتلەندى.

فرانسىيە رادىئوسىنىڭ خەۋىرىدە يەنە ئامېرىكىدىكى خىتاي تەتقىقاتچىسى باي مېيشىننىڭ سۆزى نەقىل ئېلىنىپ، «ئەگەر تەتقىقاتچى گەنلىنىڭ خىتايدىكى ئىشسىزلىق نىسبىتى ھەققىدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتىدىكى سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، خىتايدىكى شەھەر بازارلاردىكى ئىشسىزلار سانى 4 مىليونغا يېتىشى مۇمكىن» دېگەن بايانلار بېرىلگەن.