خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي نامايىشچىلار ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان رايونلىرىغا قاراپ مېڭىپ، جەنۇبىي شىنخۇا يولى تەرەپكە قايرىلغاندا خىتاي بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ مۇداخىلىسىگە ئۇچرىغان، ساقچىلار نامايىشچىلارغا ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئاتقان.
ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى جاڭ خۇڭ پەيشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن ئۈرۈمچىدىكى ۋەقەدە 5 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ۋە 14 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. جاڭ خۇڭ ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلارنىڭ مىللىتىنى تىلغا ئالمىغان. رادىئومىزغا كەلگەن ئىنكاسلاردا،خىتاي نامايىشچىلارنىڭ كوچىدا كېتىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.
بەزى خەۋەرلەردە، نامايىشچىلارنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنى "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"دە قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلارنى ۋاقتىدا جازالىماي ۋاقىتنى كەينىگە سۈرۈش بىلەن تەنقىد قىلغانلىقى، نامايىشچىلارنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان مەسىلىنى "ئۆز ئالدىغا ھەل قىلماقچى" بولۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، جۈمە ۋە پەيشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن نامايىشلارغا "زەھەرلىك يىڭنە گۇرۇھى"نىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى، يېقىنقى ئىككى ئايدا "زەھەرلىك يىڭنە "ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان پۇقرالارنىڭ ئاز كەم 500 گە يېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى ياكى مەتبۇئاتى تۈنۈگۈنگە قەدەر "زەھەرلىك يىڭنە گۇرۇھى"غا دائىر ھېچقانداق خەۋەر بېرىپ باقمىغان ئىدى. ئۈرۈمچىدىكى نامايىش ۋە "زەھەرلىك يىڭنە" ھۇجۇمى ھەققىدىكى خەۋەر ئۈرۈمچىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىغا زەھەرلىك ۋاكسىنا سېلىپ، نۇرغۇن بالىلارنىڭ زەھەرلىنىشىنى، بىر قىسىم بالىلارنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان مەزگىلدە يۈز بەرگەن.