خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى باستۇرۇش بىلەن ئەيىبلەندى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ناۋى پىللاي دۈشەنبە كۈنى خىتاينى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى باستۇرۇش بىلەن ئەيىبلىدى.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010.09.13

ناۋى پىللاي بۇ ھەقتىكى پىكىرلەرنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ كۈزلۈك يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىنىڭ باستۇرۇلۇش ئەھۋالى ئۈستىدە توختىلىپ، خىتاينى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى جىمىقتۇرۇش ۋە باستۇرۇش بىلەن ئەيىبلىدى.

پىللاي سۆزىدە يەنە، رۇسىيىدىكى ئۆلتۈرۈلگەن ژۇرنالىستلار مەسىلىسى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، رۇسىيىنى بۇ ژۇرنالىستلارنىڭ قاتىلىنى تېپىشقا ۋە قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشقا چاقىردى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پىللاي سۆزىدە خىتاي، بېلوروسىيە ۋە تۇنىس قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ قانۇن ۋە تۈرلۈك قائىدە - نىزاملار ئارقىلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى قاتتىق چەكلەۋاتقانلىقىنى، ئانگولا، زىمبابۋﯤ قاتارلىق دۆلەتلەردە جۇرنالىستلارنىڭ تەھدىتكە ئۇچراۋاتقانلىقىنىمۇ تىلغا ئالغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.