كۈنمىڭ شەھىرىدىكى يېرىدىن ئايرىلغان ياۋزۇ دېھقانلىرى نامايىش قىلدى

يۈننەن ئۆلكىسى كۈنمىڭ شەھىرى پۇچېڭ بازىرىدىكى يېرىدىن ئايرىلغان ياۋزۇ دېھقانلىرى 2-فېۋرال كۈنى بازارلىق ھۆكۈمەت ئالدىدا نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش قىلدى.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2013.02.04

رادىئومىز گۇاڭدۇڭ بۆلۈمىنىڭ ئىگىلىشىچە، پۇچىڭ بازىرىدىكى قوللىرىدا لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈۋالغان، ياۋزۇ مىللىتىدىن بولغان 800 دىن ئارتۇق دېھقان ۋە بىر قىسىم ياۋزۇلار، شەنبە كۈنى بازارلىق ھۆكۈمەت ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، بازارلىق ھۆكۈمەت «يۈننەن مەدەنىيەت شەھەرچىسى» قۇرۇش نامىدا دېھقانلارنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىدىن تەخمىنەن 10 مىڭ مو يەرنى مەجبۇرىي ئىگىلىۋېلىپ، يەر سودىگەرلىرىگە يۇقىرى باھادا ساتقان. بازارلىق ھۆكۈمەت يەنە يۇقىرىغا بۇ يەرلەرنى بوز يەر دەپ مەلۇم قىلىپ، ياۋزۇ دېھقانلىرىغا ئۇلارنىڭ يەرلىرى ئۈچۈن تاشلاندۇق يەر قاتارىدا ئىنتايىن تۆۋەن تۆلەم بەرگەن، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىدىن زور پايدا ئېلىشى دېھقانلارنى نارازى قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن ھەپتە بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ يەر ئىگىلەشكە ئەۋەتكەن خىزمەت ئەترىتى بىلەن كەنتتىكى دېھقانلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ئىككى نەپەر ياۋزۇ دېھقان ئېغىر يارىلانغان. بۇ قېتىمقى نارازىلىق نامايىشى شۇ سەۋەبتىن يۈز بەرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.