رادىئومىز گۇاڭدۇڭ بۆلۈمىنىڭ ئىگىلىشىچە، پۇچىڭ بازىرىدىكى قوللىرىدا لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈۋالغان، ياۋزۇ مىللىتىدىن بولغان 800 دىن ئارتۇق دېھقان ۋە بىر قىسىم ياۋزۇلار، شەنبە كۈنى بازارلىق ھۆكۈمەت ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، بازارلىق ھۆكۈمەت «يۈننەن مەدەنىيەت شەھەرچىسى» قۇرۇش نامىدا دېھقانلارنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىدىن تەخمىنەن 10 مىڭ مو يەرنى مەجبۇرىي ئىگىلىۋېلىپ، يەر سودىگەرلىرىگە يۇقىرى باھادا ساتقان. بازارلىق ھۆكۈمەت يەنە يۇقىرىغا بۇ يەرلەرنى بوز يەر دەپ مەلۇم قىلىپ، ياۋزۇ دېھقانلىرىغا ئۇلارنىڭ يەرلىرى ئۈچۈن تاشلاندۇق يەر قاتارىدا ئىنتايىن تۆۋەن تۆلەم بەرگەن، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىدىن زور پايدا ئېلىشى دېھقانلارنى نارازى قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن ھەپتە بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ يەر ئىگىلەشكە ئەۋەتكەن خىزمەت ئەترىتى بىلەن كەنتتىكى دېھقانلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ئىككى نەپەر ياۋزۇ دېھقان ئېغىر يارىلانغان. بۇ قېتىمقى نارازىلىق نامايىشى شۇ سەۋەبتىن يۈز بەرگەن.