ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكىدا چىقىدىغان بوشۈن خەۋەرلەر تورىدا 27-فېۋرال خىتايدىكى بېيجىڭ ۋە شاڭخەي قاتارلىق 23 شەھەردە «ياسىمەن گۈلى نامايىشى» قىلىش چاقىرىقى چىقىرىلغاندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى مەزكۇر شەھەرلەردە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەن ۋە نەق مەيدانغا كەلگەن بىر قىسىم مۇخبىرلارغا زوراۋانلىق قىلغان.
بۇ قېتىملىق نامايىش چاقىرىقى Facebook ۋە Twitter بەتلىرىدە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، نامايىشنى كېلەر يەكشەنبە يەنى 6-مارت ئۆتكۈزۈش پىلان قىلىنغان.
چاقىرىقتا مۇنداق دېيىلگەن: بىز بۇ ئۇلۇغ ھەرىكەتنى قوللىغۇچىلار ۋە بۇ ھەرىكەتكە قاتناشقۇچىلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمىز!
ئۆتكەن بىر نەچچە ھەپتىدىن بۇيان، خىتايدا ئوتتۇرا شەرقتىكى مىسىر قاتارلىق ئەللەردە غەلىبىگە ئېرىشكەن «ياسىمەن ئىنقىلابى» شەكلىدە ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش قىلىش چاقىرىقى چىقىرىلماقتا.