4 - ماي بېيجىڭدا تار كۆلەمدە نارازىلىق نامايىشلىرى مەيدان كەلگەن

4 - ماي دۈشەنبە كۈنى، خىتاي پايتەختى بېيجىڭدا تار كۆلەمدە نارازىلىق نامايىشلىرى مەيدان كەلگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى، ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغان خىتاي دېھقان ئەرزدارلار ئىكەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، 20 ئەتراپىدىكى ئەرزدارلار بېيجىڭدىكى مەلۇم بىر مېھمانخانا دېرىزىسىگە ئەرزىنى بايان قىلىپ بايراق ئاسقان ۋە ۋاراقچىلارنى تارقاتقان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىش ئىكەن.

خەۋەردە نەقىل قىلىنىشىچە، سەي فامىلىلىك ئەرزدار " 4 - ماي" ھەرىكىتىنىڭ خىتاي خەلقى ئۇچۇن زور ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە " ئەمما بىزنىڭ ئىشىمىز پەقەت ھەل بولمىدى، شۇڭا بىز بۇ خىل ۋاسىتىلەرنى قوللاندۇق" دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئەرزدارلارنىڭ كۆپىنچىسى يەرلىك چىرىك ئەمەلدارلار ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ بېيجىڭغا كەلگەن تىيەنجىنلىك دېھقانلار بولۇپ، نامايىش جەرياندا ئۇلار"بىزگە كىشىلىك ھوقۇق كېرەك"، " چىرىك ئەمەلدارلار يوقالسۇن" دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاشقان.

ئەرزدار ۋۇ شيۇلىن، ئۆزىنى يەرگە تاشلاپ نالە قىلغان ۋە ئۆزلىرىنىڭ بۇرۇن بەك بوشاڭلىق قىلغانلىقىنى، ئەمما چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدىن پايدىلىنىپ ئۆز ئاۋازىنى سىرتقا ئاڭلىتىش ئۈچۈن، شۇنداق قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەتراپتا 10 نەچچە خىتاي ساقچىسى كۆزىتىپ تۇرغان بولسىمۇ، ئادەم تۇتقۇن قىلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلمىگەن.