زاۋۇتنىڭ شەھەرنىڭ مۇھىت ساپلىقىنى بۇزىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان نامايىشچىلار، شەنبە كۈنىدىكى نامايىش داۋامىدا ساقچى ئاپتوموبىللىرىنى ئۇرۇپ چاققان ۋە چىدۇڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىغا باستۇرۇپ كىرىپ، ئىشخانىلارنىڭ ئۈستەل- ئورۇندۇقلىرىنى سۇندۇرۇپ ۋەيران قىلغان.
نامايىشچىلارنىڭ بۇ غەزىپىدىن چۆچۈگەن دائىرىلەر، مەزكۇر زاۋۇت پىلانىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ نامايىشچىلارنىڭ غەزىپى يەنە، 60 يىلدىن بۇيان، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ تىلى بولۇپ كېلىۋاتقان خەلق گېزىتىنىمۇ مەزكۇر مەسىلىدە ھەقنى سۆزلەشكە مەجبۇرلىغان.
خەلق گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى ئوبزورىدا ھۆكۈمەتنىڭ نامايىشچىلارنىڭ پىكرىگە قۇلاق سېلىشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. گېزىت يەنە ھۆكۈمەتنىڭ بۇ خىل قۇرۇلۇشلارنى پىلانلىغاندا يەرلىك ئاھالىلەر بىلەن كېڭىشىشى ۋە ئۇلارنىڭ رازىلىقىنى ئېلىش كېرەكلىكىنى بايان قىلغان. گېزىت يەنە بۇنىڭ ئۈچۈن، ئاممىغا ئوچۇق-ئاشكارا بولۇش مېخانىزمىنىڭ لازىملىقىنى ئەسكەرتكەن.
ئەجەبلىنەرلىكى، خەلق گېزىتى يىللاردىن بېرى بۇ خىل ئاممىغا ئاشكارا بولۇش مېخانىزمىنى «غەربنىڭ تۈزۈمى» ۋە «جۇڭگوغا ماس كەلمەيدۇ» دەپ رەت قىلىپ كەلگەن ئىدى.