ليەنتاڭ كەنتىدىكى ئاھالىلەرنىڭ نامايىشى شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئالدىغىچە ئىلگىرىلىدى

خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شەنتۇ شەھەر ليەنتاڭ كەنتىدىكى ئاھالىلەرنىڭ نارازىلىق نامايىشى ئۆتكەن ھەپتە كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى ۋە يېزىلىق ھۆكۈمەت ئالدىدا داۋام قىلغان ئىدى.

دائىرىلەر بەرگەن ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلمىغاندىن كېيىن، نارازىلىق نامايىشى تېخىمۇ ئۇلغىيىپ، نامايىشچىلار بۈگۈن يەنى دۈشەنبە كۈنى چۈشتىن بۇرۇن شەنتۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئالدىغا توپلانغان.

10مىڭدىن ئارتۇق كىشى شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئالدىدا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ، ھۆكۈمەتكە نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن. ئەسلىدە ليەنتاڭ كەنتىدىكى ئاھالىلەر، كەنتتە سېتىۋېتىلگەن يەرلەرنى سۈرۈشتە قىلىپ، دائىرىلەرگە ئىلتىماس سۇنغان. دائىرىلەر سېتىۋېتىلگەن يەرلەر ھەققىدە ھېساب بېرەلمىگەندىن كېيىن، كەنت ئاھالىلىرى توپلىشىپ نارازىلىق ھەرىكىتى باشلىغان. رادىئومىز خىتايچە بۆلۈمىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئالدىغا توپلانغان نامايىشچىلار، «يەرلىرىمىزنى قايتۇرۇپ بەر»، «پۇقرالىق ھوقۇقىمىزنى قايتۇرۇپ بەر» دېگەن شوئارلار يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرگەن ۋە نامايىش مەيدانىدا مۇشۇ خىل شوئارلارنى توۋلىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، نامايىش داۋامىدا شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بىر كاتىپى ئوتتۇرىغا چىقىپ سۆز قىلىپ، ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىگە 3 ئاي ئىچىدە جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئەمما نامايىشچىلار كاتىپنىڭ بۇ سۆزلىرىگە قايىل بولمىغان ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەت سېكرېتارىنىڭ جاۋاب بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە نامايىش بۈگۈن سائەت ئىككىگە قەدەر داۋام قىلغان.