گۈيجۇنىڭ رېنخۇەن شەھىرىدە 10 مىڭ كىشى جەسەت كۆتۈرۈپ نامايىش قىلدى

رادىئومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ ئىگىلىشىچە، ئۆتكەن جۈمە كۈنى خىتاينىڭ گۇيجۇ ئۆلكىسى رېنخۇەن شەھىرىدە يۈز بەرگەن مەجبۇرىي ئۆي چېقىشتا 2 ئادەم ئۆلۈپ،3 ئادەم يارىلىنىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، غەزەپلەنگەن شەھەر پۇقرالىرىدىن 10 مىڭ كىشى جەسەتنى كۆتۈرۈپ شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئالدىدا نامايىش قىلغان.

دائىرىلەرنىڭ مىڭدىن ئارتۇق قوراللىق ساقچى ۋە ساقچىلارنى يۆتكەپ كېلىپ نامايىشنى باستۇرۇشى سەۋەبلىك نامايىش توقۇنۇشقا ئايلانغان.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان شەھەر پۇقرالىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ۋەقەدىن كېيىن دائىرىلەر ۋەزىيەتنى كنتورۇل قىلىش ئۈچۈن، مەجبۇرىي ئۆي چېقىش سەۋەبىدىن ئادەم ئۆلۈش ۋەقەسىدە بىۋاسىتە جاۋابكارلىقى بار دەپ قارالغان، رېنخۇەن شەھەرلىك قۇرۇلۇش ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى چېن دېجىيۇ قاتارلىق 5 كىشىنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇپ، نەق مەيداندا ئۆي چېقىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغان 9 نەپەر خىزمەتچى ۋە 3 نەپەر قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىمنى قولغا ئالغان. ئەمما نامايىشقا باشلامچىلىق قىلغان بىر قىسىم پۇقرالار تۇتۇپ كېتىلگەن.

ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، خىتاينىڭ شىخۇا ئاگېنتلىقىدا ۋەقە ھەققىدە قىسقا ئۇچۇر بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە خىتاينىڭ باشقا ھۆكۈمەت تور بەتلىرىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىدى. رادىئومىز رېنخۇەن شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىگە تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلىگىنىدە بولسا، دائىرىلەر شەھەر ۋەزىيىتىنىڭ نۆۋەتتە كونترول قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ۋەقە ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى.