خىتاي ئۆلۈم جازاسى ھەققىدە يېڭى لايىھە ئېلان قىلدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2010.02.10
2010.02.10
خىتاي ئالى سوت مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى بۈگۈن شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا بايانات بېرىپ، چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان بۇ لايىھە، خىتايدا 2006 - يىلى تۇنجى قېتىم تەستىقلانغان مەھبۇسلارغا قارىتا شەپقەتلىك بولۇش، كەڭ سىياسەت قوللىنىش پرىنسىپىغا ئاساسەن بېكىتىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ سۆزىدە يەنە، خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ جايلاردىكى سوت مەھكىمىلىرىدىن، يېڭى لايىھىگە ئاساسەن ئۆسمۈر جىنايەتچىلەر ھەم ياشانغان جىنايەتچىلەرگە قارىتا كەڭرى سىياسەت قوللىنىشى كېرەكلىكىنى، ئۆز ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلانغان ھۆكۈمەت خادىملىرىغا قاتتىق چارە كۆرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 2008 - يىلى خىتايدا 1718 كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن. ھازىر خىتايدا 60 نەچچە خىل جىنايەتكە قارىتا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىللاردا خىتايدا سىياسىي جىنايەتچىلەرگە قارىتا ئۆلۈم جازاسى بېرىش نىسبىتى بارغانچە ئېشىپ بېرىۋاتماقتا ئىكەن.
خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى خىتايدىكى ئۆلۈم جازاسىغا قارىتا ئۈزلۈكسىز ئەيىبلەش ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، بولۇپمۇ بۇلتۇر 5 - ئىيۇل ۋەقەسىگە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان سوتلاردا 26 نەپەر ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىشى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەم دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان ئىدى.