ئۇيغۇر ئېلىدىكى قاتناش نازارىتىنىڭ ناھىيە دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارى پارىخورلۇق بىلەن 10 يىل كېسىلدى

ئۇيغۇر ئېلىگە دائىر قانۇن ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا، يېقىندا ئۈرۈمچى سايباغ رايونلۇق سوت مەھكىمىسى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش نازارىتىنىڭ، ھوقوقىدىن پايدىلىنىپ 200 مىڭ يۇەن پارە يىگەن ناھىيە دەرىجىلىك بىر كادىرى ئۈستىدىن سوت ئېچىپ، ئۇنىڭغا ئون يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلغان.

جاڭ فامىلىلىك بۇ پارىخور كادىر بۇ يىل 53 ياشتا بولۇپ ئىلگىرى ئۇ ئالتاي ۋىلايەتلىك قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ بىرىنچى قول باشلىقى بولغان، ئۆتكەن يىلى 2 - ئايدا قاتناش نازارىتىگە ناھىيە دەرىجىلىك كادىر سۈپىتىدە يۆتكەپ كېلىنگەن ئىكەن.

جاڭنىڭ پارىخورلۇق دېلوسىغا قارىغاندا، ئۇ 2005 - يىلى ۋە 2007 - يىللىرى جەمئىي 200 مىڭ يۇەن پارە يىگەن. سوت ئۇنىڭ بۇ جىنايىتى ئۈچۈن 10 يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلغاندىن باشقا 200 مىڭ يۇەن ئەتراپىدىكى شەخسى مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىپ، سىياسىي ھوقوقىدىن بىر يىل مەھرۇم قىلغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش نازارىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى دۆلەتنىڭ تۈر مەبلىغى ئەڭ كۆپ، تاپاۋىتىمۇ يۇقىرى بولغان ئورگاننىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە. قاتناش نازارىتىنىڭ ئىلگىرىكى سابىق ئۇيغۇر نازىرى ئامان ھاجى پارىخورلۇق جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنىپ جازالانغان ئىدى، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر ئامان ھاجىنىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇش سەۋەبىنى، ئۇنىڭ جىنايىتىنى ھەم ئۇنى قانداق قانۇنىي جازاغا بۇيرىغانلىقىنى مەخپىي تۇتماقتا.

ئامان ھاجى دېلوسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن چېتىشلىقى بارلىقى ھەققىدە ئىنكاسلار پەيدا بولغان ئىدى.