خىتايدا پارىخورلۇق شەھۋانىلىقنىڭ يامرىىشىغا ئىشىك ئاچماقتا

ب ب س نىڭ سەيشەنبە خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل ئۆكتەبىردە 60 - چى دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش ئالدىدا " شەھۋانىيلىققا، پاھىشىۋازلىققا ئۈچ ئايلىق قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى " نى باشلىغان بولۇپ، خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى ئۆكتەبىرگىچە داۋام قىلىدىكەن.

خەۋەردە خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ قېتىمقى ئۈچ ئايلىق قاتتىق زەربە بېرىشكە مەسئۇل ئەمەلدارىنىڭ سۆزىنى نەقىل ئېلىشىچە، دائىرىلەر قاتتىق زەربە بېرىشتە چوقۇم كۆرۈنەرلىك نەتىجە ھاسىل قىلىشنى شەرت قىلىپ جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتكەن.

ھالبۇكى خىتاي ساقچى دائىرىلىرى بىر قولدا پاھىشىۋازلىق، شەھۋانىيلىققا قارشى ھەرىكەت قوللىنىش بىلەن بىرلىكتە، يەنە بىر قولدا جايلاردىكى ئەمەلدارلارنىڭ پارىخورلۇق قىلمىشلىرىغا تەڭ زەربە بەرمىگەندە،خىتاي جەمئىيىتىدە يىلسىرى ئەۋج ئېلىۋاتقان پاھىشىۋازلىق، شەھۋانىيلىققا زەربە بېرىش ئەمەلىي نەتىجە ھاسىل قىلالمايدىكەن.

چۈنكى خىتاينىڭ ھەر قايسى شەھەر، ناھىيە، يېزىلىرىغا قەدەر يامراۋاتقان، مەيخانا، مېھمانخانا، پاھىشىخانا، ئۇۋىلاش ئۆيى دېگەندەك ناملار بىلەن ئېچىلغان شەھۋانىي سورۇنلار، پاھىشىلارنىڭ كۆپىيىشىنى، شۇ يەرلىك ئورۇنلاردىكى مۇناسىۋەتلىك كادىرلارنىڭ ئارىلىقتىن پايدا يەپ، شەھۋانىي سورۇنلارنىڭ ئېچىلىشىغا يول قويۇپ، ئۇلارنىڭ جىنايەتلىرىنى قانات ئاستىغا ئېلىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدىكەن.

خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى ھەر يىلى 140 مىڭ ئەتراپىدا پاھىشىۋازلىق دېلولىرىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان بولۇپ، بۇ خىتايدا ھەر كۈندە پاش بولغان پاھىشىۋازلىق دېلولىرىنىڭ 380 قېتىمدىن ئاشىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.

خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، پاھىشىۋازلىق دېلولىرىغا چېتىشلىق كىشىلەر ھەر يىلى 250 مىڭدىن ئاشىدىكەن.

ئۇيغۇر ئېلى جامائەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىدىن ئاشكارلىنىشىچە، خىتايلارنىڭ پاھىشىۋازلىقنى كەسپ قىلغان ھەر خىل شەھۋانىي سورۇنلىرى، ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ بارغانچە كۆپىيىۋاتقان بولۇپ، بۇ نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز ۋە باشقا يامان جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ تېز تارقىلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب بولماقتا.